تەيۋەن خىتاينى پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ زىيارىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى


2006.05.02

تەيۋەن ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىپ رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.

چېن شۈيبيەن ئەسلى چارشەنبە كۈنى پاراگۋاي بىلەن كوستارىكادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىماقچى ئىدى. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرگە بېرىش سەپىرىدە ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتمەكچى بولغان. لېكىن ئامېرىكا ھازىرغىچە چېن شۈيبيەننىڭ ئايروپىلانى قەيەردە توختىسا بولىدىغانلىقىنى تەيۋەن تەرەپكە ئۇقتۇرمىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مايكىل لۇ، "بۇ ۋەقە ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان. بىز خىتاينىڭ قول تىقىشى ئارقىسىدا ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز،" دەيدۇ.

ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋە قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە ئامېرىكا تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنى رەسمى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە يول قويۇپ كەلمەكتە ئىدى.

تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن شۈيبيەن نيۇ-يوركتا توختاپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيمىس خۇاڭ مۇخبىرلارغا " پاراگۋاي ۋە كوستارىكادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن بىز زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى چەتكە قاقمايمىز،" دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنى چېن شۈيبيەنگە يول بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. چېن شۈيبيەن 2003 - يىلى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە نيۇ - يورك شەھىرىدە توختىغان ۋە بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.