تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان گومىنداڭ پارتىيىسى چارشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىيانەتچىلىك دېلولىرىغا چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گومىنداڭ پارتىيىسى، مەزكۇر پارتىيە رەئىسى ما يىڭجيۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چارشەنبە كۈنى چېن شۈيبيەننى ئاغدۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ لايىھە تەيۋەن پارلامېنتىدا بىر مەيدان تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ما يىڭجيۇ چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنى خىيانەتچى ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۆزلىكىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ بۇ ئىپادىسى چېن شۈيبيەننىڭ ئايالى ۋە كۈيئوغلىغا چېتىلغان خىيانەتچىلىك ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن.
تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان چېن شۈيبيەن، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. شۇنداقلا خىتاي شۇ سەۋەبتىن تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشتى ھەمدە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى خىتايدا كۈتۈۋالدى. (پەرىدە)