تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ چىن شۈيبيەننى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈش تەشەببۇسى مەغلۇب بولدى. لېكىن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت پرېزىدېنت چىن شۈيبيەننىڭ پارتىيىسىگە ئېغىر بىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن.
تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر، تەيۋەن پارلامېنتنىڭ پرېزىدېنت چىن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئومۇمى خەلق ئاۋازغا قويۇش ھەققىدە قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 221 تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاران 119 ئى قارار لايىھىسى ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن. مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن 148 ئاۋاز كېرەك ئىكەن.
پرېزىدېنت چىن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈش مەسىلىسى ئۆتكەن ئاي ئۇنىڭ كۆيۇغلى تىجارەتتە ساختىپەزلىك قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغان ئېلىنغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي چىن شۈيبيەننىڭ ئايالىمۇ قانۇنسىز تىجارى پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان دەپ ئەيىبلەندى.
چىن شۈيبيەننىڭ بۇ قانۇنسىز ئىشلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر، چىن شۈيبيەننىڭ بۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خەلق ئالدىدىكى ئېتىبارىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلماقتا. (قانات)