تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن خىتايغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىشى كېرەك، دېدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا تەيۋەن پارلامىنتى ئۇزۇندىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ئىمزالانغان قورال كېلىشىمى توغرىسىدا قارار بېرىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئالىي ۋەكىلى تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىنى تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 16 مىليارد دوللارلىق قورال سودىسى كېلىشىمىنى بۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ماقۇللاشقا چاقىرغان ئىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا تەيۋەنگە ۋەتەن پەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاسىتى پاراخوتى قاتارلىق قوراللارنى سىتىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان.
سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى ئىككى يىلدىن بېرى تەيۋەن پارلامېنتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتىدا كۈتۈپ ياتقان بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا قارار بېرىدۇ.
چىن شۈيبيەن، تېلېۋىزور ئارقىلىق توكيودىكى بىر گۇرۇپپا ياپونىيىلىك سىياسىيونلار ۋە ئالىملارغا بەرگەن باياناتىدا، "ھەرقانداق مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قورال كۈچىگە ئېھتىياجى بار. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېدى." ئۇ خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا 800 گە يېقىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، شۇڭا تەيۋەن خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەييار بولۇشى كېرەك، دېگەن. (قانات)