خىتاي چىن سۈيبيەننى "ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقتا" دەپ ئەيىبلىدى
سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن سۈيبيەننى "ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقتا" دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىن سۈيبيەننى بۇنداق ئەيىبلىشى چىن سۈيبيەن بۇ يىلقى يېڭى يىل كىرىش سۆزىدە تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ بىر بۆلۈكى دەپ جاكارلىغان. چىن سۈيبيەن بۇ يىلقى يېڭى يىل كىرىش سۆزىدە يەنە "بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى تەيۋەن بىزنىڭ دۆلىتىمىز، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى پەقەت تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ. تەيۋەننىڭ دۆلەت ئومۇمىي نىشانى دۇنيا تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت كابېنتى، تەيۋەن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېييى سەيشەنبە كۈنى "چېن سۈيبيەن يەنە بىر قېتىم مەقسەتلىك ھالدا ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چەكلەپ، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندە ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- چىن شۈيبيەن تەيۋەن، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىشى كېرەك، دېدى
- تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىك سۆھبىتى باشلانغان
- ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز، دېدى