سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن سۈيبيەننى "ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقتا" دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىن سۈيبيەننى بۇنداق ئەيىبلىشى چىن سۈيبيەن بۇ يىلقى يېڭى يىل كىرىش سۆزىدە تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ بىر بۆلۈكى دەپ جاكارلىغان. چىن سۈيبيەن بۇ يىلقى يېڭى يىل كىرىش سۆزىدە يەنە "بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى تەيۋەن بىزنىڭ دۆلىتىمىز، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى پەقەت تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ. تەيۋەننىڭ دۆلەت ئومۇمىي نىشانى دۇنيا تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت كابېنتى، تەيۋەن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېييى سەيشەنبە كۈنى "چېن سۈيبيەن يەنە بىر قېتىم مەقسەتلىك ھالدا ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چەكلەپ، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)