خىتاي ھۆكۈمىتى چىن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتىدىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
2007.01.08
خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ نىكاراگۇئاغا قىلىدىغان سەپىرىدە ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتىدىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتكە قاتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتدا شۇنداقلا چىن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكا توختاپ ئۆتۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى جۇڭگونى پارچىلاش شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا چىن شۈيبيەننىڭ ھەرقانداق بىر ئىسىم ۋە ئۈنۋان بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى ۋە تەيۋەنگە خاتا سىگنال بەرمەسلىكى كېرەك، دېيىلگەن.
چىن شۈيبيەننىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى نىكاراگۇئانىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى دانىيال ئورتىگانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە 17 سائەت تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى لاتىن ئامېرىكىغا قىلىدىغان سەپىرىدە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ياكى سان فرانسىسكو شەھەرلىرىدە توختاپ ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سىياسىي جەھەتتىن ئەھمىيەتسىز ھېسابلانغان ئاليساكادا توختاپ ئۆتۈشىنى تەكلىپ قىلغان.
چىن شۈيبيەننىڭ سان فرانسىسكودا تۇرۇش جەريانىدا نىمە قىلىدىغانلىقى كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي چىن سۈيبيەننى "ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقتا" دەپ ئەيىبلىدى
- تەيۋەندە ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- چىن شۈيبيەن تەيۋەن، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىشى كېرەك، دېدى
- ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز، دېدى