چېن شۈيبيەن خىتاينىڭ 9 يىلدىن كېيىن پارچىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 9 يىلدىن كېيىن پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چېن شۈيبيەن تەيۋەندە ئېچىلغان يەر شارىدىكى يېڭى باش كۆتەرگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ناتسىستلار گېرمانىيىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ 9 يىلدىن كېيىن پارچىلانغان، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتى 2008- يىلى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. شۇڭا كومپارتىيە ھاكىمىيىتى 9 يىلدىن كېيىن پارچىلىنىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدىغانلىقىنى، لېكىن كومپارتىيىنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى ۋە پارتىيە - دۆلەت تۈزۈلمىسى يىمىرىلگەندىلا خىتاي ھەقىقىي دېموكراتىيە يولغا ماڭالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ 9 يىلدىن كېيىن پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئەسلى ياپونىيىلىك بىر سىياسىي ئەرباپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، چېن شۈيبيەن تەيۋەندىكى يىغىندا بۇ سۆزنى يەنە تەكىتلىگەن. گېرمانىيە 1936‏- يىلى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 9 يلدىن كېيىن يەنى 1945 ‏- يىلى ھالاك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا 1982‏- يىلى موسكۋا ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىپ 9 يىلدىن كېيىن يەنى 1991- يىلى پارچىلاندى.

تەيۋەندە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا پولشا، جەنۇبىي ئافرىقا، رومانىيە، سالۋادور، جەنۇبىي كورىيە، بولغارىيە قاتارلىق بۇرۇن ئىستىبدات دۆلەتلەر بولۇپ، كېيىن دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچكەن ئەللەرنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈش مۇساپىسىگە يىتەكچىلىك قىلغان رەھبەرلەر قاتناشقان. خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسى يىغىندا ئەڭ دىققەت قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى. پولشانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاۋېنسا، ئەگەر خىتاي "تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئەركىن ، دېموكراتىك تۈزۈلمە بىلەن بازار ئىگىلىكى مىخانىزىمىنى تەڭ يولغا قويۇشى زۆرۈر " دەيدۇ.