ئاۋسترالىيە، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن سابىق خىتاي دىپلوماتىنى مەجبۇرىي قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد، ئاۋىسترالىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنىڭ ھەرگىزمۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن سابىق خىتاي دىپلوماتى چىن يۇڭلىننىڭ دىلوسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون خوۋارد پەيشەنبە كۈنى سېيدنىيدا قىلغان سۆزىدە "ئاۋسترالىيە سودا بىلەن سىياسەتنى ئارىلاشتۇرمايدۇ" دېگەن. خىتاي ئاۋىسترالىيىنىڭ 3 - چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى دۆلەت نۆۋەتتە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ سېيدنىيدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئول كونسولى چىن يۇڭلىن ئۆتكەن ئايدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ئاۋىسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ خېتىدە، بېيجىڭنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلۈشكە رازىكى، خىتايغا قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئاۋىسترالىيىدە مىڭدەك كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىشپىيونلۇق تورى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى دەسلەپتە ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئەمما ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋاردنىڭ يېقىنى بولغان سەھىيە مىنىستىرى تونىي ئاببوت پەيشەنبە كۈنى، چىن يۇڭلىننى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)