ھاكىمىيەتتىكى خىتاي كومپارتىيىسى دۈشەنبە كۈنى ئالاھىدە ھۆججەت چىقىرىپ، پارىخورلۇق ۋە قابىلىيەتسىزلىكنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مومكىنلىگىنى بىلدۈردى.
چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 36 بەتلىك مەزكۈر ھۆججەتتە، "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش- ياخشىلىيالماسلىق مەسىلىسى ، ئۇنىڭ ھايات- ماماتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە" دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاي كومپارتىيىسى ھۆججەتتە يەنە، پارىخور كومپارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى خەۋپ تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈشكە ئۈندىگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۈر ھۆججەت، خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ چىرىكلىككە قارشى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كومپارتىيىنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
گەرچە ھۆججەتتە پارىخورلۇق قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى كونكرېت تەدبىرلەر تىلغا ئېلىنمىغان. (ئارزۇ)