خىتاينىڭ ئىككى نەپەر بانكا ئەمەلدارى نۇرغۇن پۇل بىلەن چەتئەلگە قاچتى
2005.01.24
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "نەنخۇئا سەھەر گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ "جۇڭگو بانكىسى" نىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا، بانكىنىڭ 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ، خىتايدىن قېچىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ نەگە قېچىپ كەتكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، " جۇڭگو بانكىسى" مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى دىلو سادىر بولغان خاربېن شەھىرىگە ئەۋەتكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ سەتچىلىك 15 - يانۋار كۈنى بايقالغان. ئەينى ۋاقىتتا، شاڭخەي پاي چەك بازىرىدىكى بىر شىركەت، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ " جۇڭگو بانكىسى" خاربىن شەھەرلىك شۆبە بانكىسىغا ئامانەتكە قويغان 300 مىليون يۈئەنگە يېقىن پۇلنىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى بايقىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر شۆبە بانكىنىڭ ئىككى مەسئۇل خادىمىمۇ، بىرلا ۋاقىتتا غايىپ بولغان. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئامېرىكا ياكى كاناداغا قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. (ئارزۇ)