خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ياۋايى قۇشلارنىڭ كۆچۈش پەسىلى - كۆزدە يەنە پارتلاش ئېھتىمالى زور، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، يەرلىك دائىرىلەرنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يىن چېڭجېي كۈز ۋە قىش پەسىللىرىنى " قۇش زۇكام ۋىرۇسى پارتلايدىغان مۇھىم پەسىللەر " دەيدۇ. ئۇ، خىتايدا قۇش ۋىرۇسىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى شىمالىي جۇڭگودا 1000 دىن ئارتۇق توخۇنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ 2 - قېتىم بايقىلىشىدۇر. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتايدا 21 ئادەم مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 14 ئادەم ئۆلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان جاي ھېسابلىنىدۇ. رايوندا بايقالغان ئەڭ يېقىنقى يۇقۇملىنىش ۋەقەسى بۇ يىل 7 - ئايدا يۈز بەردى.