خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خىيانەت قىلغان سوممىسى 10 مىليارد يۇئەنگە يېقىنلاشقان


2005.06.29

خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇپەتتىش ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە 2004 - يىلى ھەر خىل شەكىلدە يۈز بەرگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىدىكى ئىقتىسادىي خىيانەتنىڭ 10 مىليارد يۇئەنگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي مۇپەتتىش ئىدارىسى بۇ دوكلاتنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىدا ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىيانەتچىلىك قىلىنغان پۇل سانى 9 مىليارد 6 يۈز مىليون يۇئەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلاردا 1 مىليارد 450 مىليون يۇئەن پۇلنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي مۇپەتتىش ئىدارىسى دوكلاتىدا يەنە، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىيانەتچىلىك قىلىش دېلولىرىدىن 222 سى بايقىلىپ، بۇنىڭغا چېتىلغان 762 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىيانەتچىلىك قىلىش ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ۋە ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەتتا مەركەز ئورگانلىرىدىن تارتىپ، تاكى دوختۇرخانا ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىئىغىچە بولغان ساھەلەردە بايقالغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.