چىرىكلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە
2005.09.28
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىك ئەھۋالىنىڭ جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قانۇنىي ئورنىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتايدىكى چىرىكلىك ئەھۋالىنى باھالاشقا مەسئۇل تەتقىقاتچىسى جانوس بېرتوك،" خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن چېرىكلىپمۇ ئەدەپ كەتتى. ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى بىر جەمئىيەت مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىقتىسادىي مەسىلىگە ئايلاندى، پۇقرالارنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىرىكلىك مەسىلىسى بولۇپمۇ خوسۇسىيلىشىشىقا يۈزلەنگەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلمەكتە.
خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە بانكىرلىرى زور مىقداردىكى پۇللارنى ئېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۆتكەنكى يىگىرمە يىل ئىچىدە چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى تۆت مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 50 مىليارد دوللار پۇلغا خىيانەت قىلغان.
باش شتابى پارىژدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق 30 دۆلەت ئەزا بولۇپ، ئۇلار دۇنيادا دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە بازار ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارغا پايچېك بولۇشى چەكلەندى
- دىڭ جۇۋ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى تۇپراقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خىيانەت قىلغان سوممىسى 10 مىليارد يۇئەنگە يېقىنلاشقان
- جوڭگو بانكىسىدىن 645 مىليون يۈئەن پۇل ئالداپ كېتىلدى
- خىتاي ئاجراتقان مۇھىت قوغداش خىراجىتى تولۇق ئىشلىتىلمىگەن