خىتايدا 11 ئايدا 290 مىليارد سوم قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن

خىتاي دۆلەت مالىيىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى، 22000 ھۆكۈمەت خادىمى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان خىزمەت تەكشۈرۈشى نەتجىسىدە،خىتاي ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ ئۆتكەن 11 ئاي مابەينىدە 290 مىليارد سومنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مالىيىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى، قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ قانداق خەجلەنگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن، ئەمما كومىتېت بۇندىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلىرىدە، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، ئاممىنىڭ پۇلىنى كادىرلارغا ئۆي سېلىش ۋە ئۆزلىرى مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 196 ھۆكۈمەت خادىمى ئىنتىزام جازاسىىغا ئۇچرىغان ۋەياكى سوتقا تارتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدا يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. دۆلەتتىكى چېرىكلىك، خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىقتىسىادى ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە كۈچەيگەن بىر كېسەللىك بولۇپ، يېقىندا ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى چىرىكلىكنىڭ خىتاي كوممونىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئېناۋىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق بىر ھاكىميەت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا سۇئال پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2004 ‏-يىلى خىتاي دۆلەت مالىيىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ 9 مىليارد 60 مىليون سومنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىكى 5 ،14 مىليارد سومنىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى چوڭ شىركەتلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشلىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. (قانات)