چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھۆكۈمەت ئىچىدە كەڭ تارالغان چىرىكلىك ۋەزىيىتىنى پاش قىلىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدىلا مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى ۋە بايلىقىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش سوممىسى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ مەلۇماتلار خىتاينىڭ 2006- يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىلقى خىيانەتچىلىك ئەھۋالى ئۆتكەن يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان. دوكلاتتا خىيانەتچىلىكتىن سىرت يەنە، باج يىغىش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ھۆكۈمەت يەرلىرىنى خالىغانچە سېتىش ئەھۋاللىرىمۇ ئەيىبلىنىپ، مۇشۇ سەۋەبلەردىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 2 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى يوقاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
باج يىغىش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تېخى خىتاينىڭ شاڭخەي، جېجياڭ ۋە جياڭسۇلارغا ئوخشاش ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يەرلەرنى شەخسىي كارخانىلارغا ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشىمۇ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن 5 يېرىم مىليارد يۈەندىن ئوشۇق يوقىتىش پەيدا قىلغان.
بۇ دوكلاتنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشخانىسى مۇدىرى لى جىنخۇا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ 1999- يىلى تۇنجى قېتىم قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىغا بۇ خىلدىكى تەپتىش دوكلاتىنى سۇنغان ھەمدە شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى زور خىيانەتچىلىك ئەھۋالىنى پاش قىلىپ كەلگەن ئىدى.
لى جىنخۇا سۆزىدە يەنە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خىزمەتتىكى بوشاڭلىقلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى ھەرىكەتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭ ئامىل بولۇپ قالماقتا.(پەرىدە)