8 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئەمەل ساتقانلىقى سەۋەبىدىن جازالاندى


2006.07.19

يېقىندا 8 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەل ساتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمىتىدىن ھەيدىلىپ، بەزىلىرى ھەتتا تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ساۋ يوڭباۋ ئىسىملىك بىر پارتىيە ئەمەلدارى، خىزمەتدىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش بەدلىگە 1 يېرىم مىليون يۈەن پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان.

شەنشىدىكى يەنە بىر ئەمەلدار تەخمىنەن 1 مىليون يۈەندىن ئوشۇق پارا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 28خادىمنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن. گۇاڭدوڭلۇق لۇ چېڭلى بولسا، يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ ئۆزىگە ئاۋاز تاشلاتقۇزۇپ، ناھىيە باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شىنخۇا ئۇلارغا بېرىلگەن كونكېرت جازالار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا نەچچە مىڭلىغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى خىيانەتچىلىك بىلەن جازالانغان بولۇپ، ئېغىرلىرى ھەتتا ئېتىپ تاشلانغان. نۆۋەتتە پارتىيە ئىچىدىكى خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىك، خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ھالىقىلىق مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.