خىتايدا ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدە 4 مىليارد دوللارغا يېقىن دۆلەت پۇلى قالايمىقان ئىشلىتىلگەن


2006.07.30

خىتايدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 30 مىليارد يۈەن يەنى 3 مىليارد 750 مىليون دوللار قىممىتىدىكى دۆلەت مەبلىغى قالايمىقان ئىشلىتىلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشخانىسى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغنىڭ يوقلىشىغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 252 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ چېتىلغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا بۇ دېلولار ھازىر ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان ئىكەن.

2005‏- يىلى 11 ئاي ئىچىدە قالايمىقان ئىشلىتىلگەن ھۆكۈمەت پۇلى 290 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، خىيانەت قىلىنغان بۇ پۇللار ئەسلى يول قۇرۇلۇشى، سۇ باشقۇرۇش پروگراممىسى ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى رېمونت قىلىش تۈرلىرىگە ئاجرىتىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭ ئامىل بولۇپ قالماقتا.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.