مەتبۇئاتلاردا ئېيتىلىشىچە ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۆز جەمئىيىتىدە مەۋجۈت بولۇۋاتقان چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك تۈپەيلى قالايمىقانچىلىق مەيدانغا كېلىپ، ھاكىميەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتايدا ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا تىل بىرىكتۈرۈش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىكنى يوقىتىش قېيىنغا توختىماقتا. ئۇنداقتا خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ.
مەيلى خىتاي ۋە ياكى چەتئەل مۈتەخەسسىسلىرى بولسۇن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشىدا چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
چىرىكلىك ئېغىر مەسىلە
خوڭكوڭدا چىقىدىغان " سايراش" ناملىق ئايلىق ژورنالدا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يۈز بېرىۋاتقان چىرىكلىك ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومېتىتى ۋە دۆلەت كابىنتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇميىغىنى ئېچىلىش جەريانىدا ھۇشيارلىقنى ئالاھىدە ئاشۇرۇشنى، بۇ جەريانىدا ئىچكى ۋە تاشقى دۆشمەن كۈچلەرنىڭ تەشكىلىي ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى " چىرىكلىككە زەربە بېرىش" شۇئارى ئاستىدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئىدارە - ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشتەك ھادىسلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.
جەمئيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەسلىكى مۇمكىن
ۋاشىنگتون توماس فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، مەشھۇر خىتاي ئوبزورچىسى، لىن خېلىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەيدىكەن. بىراق مەملىكەت بۇيىچە بۇ ھەرىكەتنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىكەن.
لىن خېلى سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ": نۆۋەتتە خىتاينىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتايدا زور دولقۇن قوزغىدى، بۇ ھەرىكەت ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، بىراق يۇقىرى قاتلام ، يەنى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى چېڭ لياڭيۈگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى پاش قىلىش ھەرىكىتى قايتا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.6 - ئومۇميىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى، مەزكۈر قۇرۇلتاينىڭ مەركىزى تېمىسى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى"
خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باش سېكرىتارى چېڭ لياڭيۈ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردا ئىقتىسادىي دىلو سادىر قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى دەرھال چىرىكلىككە زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، چېڭ لياڭيۈگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئەگەر چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىدىكەن، ھۆكۈمەت سىياسىتى ئادىل بولسا ۋە ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئادالەت ۋە دۆلەت قانۇنىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى راس بولسا كومپارتىيىنىڭ نۇرغۇن يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۈرمىگە كىرىشى مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىدۇ
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى، چېن يۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چىرىكلىككە زەربە بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدىكەن، بىراق خىتايدا دېموكراتىك تەڭپۇڭلۇق بولمىغاچقا، چىرىكلىككە قارشى ھەقىقىي تۈزۈم ۋە قانۇن بۇيىچە زەربە بېرىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل بىرىكتۈرۈش ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، چىرىكلىك كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىشتىن سىرت، چىرىكلىككە زەربە بېرىش قېيىن بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا ئىكەن.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ": ئون يىلدىن بۇيان ، خىيانەتچىلىكنى يوقىتىش، چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىتاي خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان 3 چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي رەھبەرلىرى چىرىكلىك سەۋەبىدىن ھاكىميىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ھازىر خىتايدىكى پايچەك ۋە شىركەت مەبلەغلىرىنىڭ 3 دىن 2 قىسمى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن.
ئوبزورچى لىن خېلى ئاخىرىدا ": خىتايدا ، چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن قېيىن، بىراق خۇ جىنتاۋنى مەركەز قىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئۆزلىرى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغاندەك " قانۇن بۇيىچە دۆلەت باشقۇرسا" دۆلەت قانۇنىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلسا بەلكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق ياخشىلىنىشى مۇمكىن" دېدى.
لېكىن دىلشات رىشىت، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشىدا ئەڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى، چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.