خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار جازالانغان
2006.10.24
خىتاي ئالىي سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە2003 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ 2006 - يىلى 8 - ئايغا قەدەر، خىتايدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پاش قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سانى 67 مىڭدىن ئاشقان. ھەمدە بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا 17 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئالىي سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شېركىتى خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ھەرقايسى سوت تەپتىش مەھكىمىسىدە مەخسۇس چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى قۇرۇلغان ھەمدە مەزكۇر ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانى 36 مىڭدىن ئاشقان.
خىتاي كومپارتىيە باش سېكرىتارى خۇجىنتاۋ 22 - ئۆكتەبىر كۈنى ، خىتايدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەر ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە خەلقئارا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىش مەسىلىسى ئىكەن. 2004 - يىلىدىكى بىر ئىچكى ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چەت ئەللەرگە قېچىپ چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 4000 دىن ئاشقان بولۇپ،ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ سانى 50 مىلياردتىن ئاشقان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- چېن لياڭيۈنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى كىشىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكى بىكار قىلىندى
- جۇڭگو ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى
- خىتاي ھەربىي چىقىمىدىكى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرماقچى
- خىتايدا ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدە 4 مىليارد دوللارغا يېقىن دۆلەت پۇلى قالايمىقان ئىشلىتىلگەن