خىتايدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋىي بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
2007.01.29
خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولماقتا.
دۈشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر باش ماقالىدە، بەزى پارتىيە خادىملىرى، مەنىۋىي جەھەتتىن بۇلغىنىپ، ئىنتىزامسىزلىق ۋە جىنايەت گىردابىغا غەرق بولماقتا، دېيىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەنىۋىي بۇلغىنىش، كۆڭۈل ئىچىش قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىپ، ھاكىمىيەتنى پاھىشۋازلىققا تېگىشىشتەك دەرىجىگە يىتىپ بارماقتا.
خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە ئاساسەن خىتاي كومپارتىيىسى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چىنىڭ جۈمە كۈنى قىلغان سۆزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
ليۇ چى جۈمە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن باياناتىدا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە قانداق ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى جىددىي تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاللىسى رەڭدار چىراقلار، ئىچىملىكلەر، مۇزىكا ۋە ئاياللار بىلەن قايمۇقۇپ كەتمىسۇن. ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە خادىملىرى، ئىشتىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرىگە بېرىپ، يەپ، ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك، دېگەن.
ئۆتكەن ئاي بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ۋە بېيجىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ مۇاۋىنى ليۇ جىخۇا بىر چىرىكلىك ۋەقەسىگە چېتىشلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كومپارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.
ليۇ چى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى باياناتىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھوقۇقىدىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىلمىشلىرى، پارتىيىنىڭ ئېتىبارىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)
- خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرى كۆپەيمەكتە
- خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە پارىخور كادىرلار جەمئىي بەش يېرىم مىليارد يۈئەن خىيانەت قىلغان
- خىتايدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولماقتا
- خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار جازالانغان
- چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟