خىتايدا 100 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جازالاندى
2007.02.13
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خىتايدىكى 100 مىڭغا يېقىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى گەن يىشىن بۇ قېتىم جازاغا ئۇچرىغان 100 مىڭغا يېقىن كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغان ئەمەلدارلار 80% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك دېلولىرىغا چېتىلغان.
گەن يىشىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە 3500 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدا، 7 نەپەر كىشى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالىي ئەمەلدار ئىكەن.
يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، خىتايدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ سابىق كومپارتىيە سېكرىتارى چېن لياڭيۈگە ئوخشاش بىر نەچچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارقا -ئارقىدىن خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلاندى.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر چىرىكلىك ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، گەرچە تۈرلۈك چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ جىنايەتلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە
- خىتايدا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋىي بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا
- خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرى كۆپەيمەكتە
- خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە پارىخور كادىرلار جەمئىي بەش يېرىم مىليارد يۈئەن خىيانەت قىلغان
- خىتايدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولماقتا