سىنگاپور خىتايدا ئىشلەنگەن چىش پاستىلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىدى


2007.06.06

توڭلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان خىمىيىلىك ماددىلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئۈچ خىل چىش پاستىسىدىن بايقالغاندىن كېيىن، سىنگاپور سەھىيە تارماقلىرى بۇ ئۈچ خىل چىش پاستىسىنىڭ سىنگاپوردا سېتىلىشىنى چەكلىدى.

سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىمىيىلىك ماددىلاردىن بۇلغانغان چىش پاستىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ھەممە چىش پاستىلىرىدىكى خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددا -دىئېتىلېن گلىكولنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

گەرچە، ھازىرغىچە چىش پاستىسىدىن زەھەرلەنگەن ئەھۋاللار بايقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقى ، خەي مەي، خەي مەي كالتىسىي، ماكسىمۇم قاتارلىق ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى يىغىۋېلىش ئېلانى چىقارغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا- دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA)، گەرچە دىئېتىلېن گلىكول ماددىسى ئارىلاشقان چىش پاستىسىنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، مەزكۇر خىمىيىلىك ماددا بالىلاردا بۆرەك ۋە جىگەر كېسىلى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.( جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.