خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان، چوشقىلاردىن تارقالغانلىقى ئېنىقلانغان سىرلىق كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 39 يەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى سىچۇەندە ئوتتۇرىغا چىققان كېسەللىكنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيىتتە، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مەزكۇر كېسەللىك گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، گۋاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ھازىرغىچە ئىككى كىشىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېسەللىكنىڭ گۋاڭدۇڭدىكى يېڭى قۇربانى ياڭجياڭ شەھىرىدە چوشقا سويغان بىر كىشى ئىكەن.
بۇ ئارىدا خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۇئەندە تۆت ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى، رايوندا ئوتتۇرىغا چىققان كېسەللىككە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك تىرشچانلىق كۆرسەتمىگەن دەپ ئەيىبلەپ ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىغان. (قانات)