كولىن پوۋېل، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىيەن، قوش بايرام كۈنى يەنى 10 - ئۆكتەبىر كۈنى، 1992 - يىلىدىكى » خوڭكوڭ سۆھبىتى« ئاساسىدا ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت چېن شۇيبىيەننىڭ بۇ سۆزى، ئەكسىچە خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى باياناتچىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. مەزكۈر باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە چېن شۇيبىيەننىڭ » يۇمشاقلىقى يالغان، مۈستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىشى راست « بولۇپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل كېلەر ھەپتە ياپونىيە، خىتاي ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتى باشلاپ، 25 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭگە يېتىپ بارىدىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كولىن پوۋېل خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتائو ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتاي دائىرلىرىنىڭ، چېن شۇيبىيەننىڭ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پوزىتسىيىسىنى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (ئەقىدە)