كولىن پوۋېلنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرى بېيجىڭ بىلەن تەيبېينى خوشال قىلمىدى

بۇ ئاينىڭ 24 ۋە 25 - كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى تەيۋەن مەسىلىسىگە چېتىلدى. كولىن پوۋېلنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىگە دائىر سۆزلىرى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى مەمنۇن قىلالمىدى.

كولىن پوۋېل: " تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس"

كولىن پوۋېلنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى تەيۋەن بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ 25 - ئۆكتەبىردىكى بېيجىڭدا مەتبۇئات ساھەسىگە قىلغان تەيۋەننىڭ سىياسى ئورنى توغرىسىدىكى سۆزلىرى تەيۋەن دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن. كولىن پوۋېل 25 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىغا ئەسكەرتىپ، " تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس " دەپ تەكىتلىگەن. بىراق تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ " ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت " ئىكەنلىكىنى غەزەپ بىلەن ئەسكەرتتى. كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىسى بويىچە 1999 - يىلدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغان تەيۋەن بوغۇزى دىئالوگىنىڭ ئاسان ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سۆھبەتنىڭ شەرتى – بىر جۇڭگو پرىنسىپى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈندىگەن، شۇنداقلا ئۇ تەيۋەننى "ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس" دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا تەيۋەن بىر جوڭگو پرىنسىپىغا قايتىپ كەلمىگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيبېي بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جاڭ مىڭچىڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، بېيجىڭ تەيبېي بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى كۆرۈپ يېتەلمىدى دەپ تەكىتلىدى ئۇ مۇنداق دېدى:

"مەيلى كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىق بولسۇن ياكى تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش تەكلىپى كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسۇن، مەسىلە مېنىڭچە بىز تەرەپتە ئەمەس، مەسىلە چېن شۈيبيەننىڭ پوزىتسىيىسىدە".

چېن شۈيبيەن: "تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت"

بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن سەيشەنبە كۈنى سابىق جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم يوڭ سام بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەيدۇ: "تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت".

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئەگەر تەيۋەن رەھبەرلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىنكى خىتاينىڭ بىردىن بىر مەركىزى ھۆكۈمىتى دەپ قوبۇل قىلسا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى تەيۋەن بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا. تەيۋەن تاشقى ئىلار مىنىستىرى چېن تاڭشيەن، كولىن پوۋېلنىڭ سۆزىنى ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەڭ ئېغىر سۆزى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇندا دېدى: " ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدىن ئالغاندا بۇنى ھازىرغا قەدەر قىلىنغان بىر قەدەر ئېغىر سۆز دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ زىيارەتكە چىقىشنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئورگىنىمىزغا دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن ".

تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى 1999 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى تەيۋەن رەھبەرلىرى تەيبېينىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى بىلەن بىر دۆلەت سۈپىتىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.

بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا تەيۋەن پرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلانغان چېن شۈيبيەننىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ ماڭسا ياكى خىتاي بىلەن بىرلىككە كېلىشنى كېچىكتۈرسە قورال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

ئامېرىكا "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" نىنىڭ روھى بويىچە ھازىرغا قەدەر تەيۋەننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئەرەم ئەرەلى مۇنداق دەيدۇ : " بىزنىڭ ئەندىشىمىز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقىدۇر. تەيۋەن بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تەيۋە ن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلق تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك، ئىككى قىرغاق خەلقىنىڭ بىر- بىرىگە قورال ئىشلىتىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ".

تەيۋەننىڭ مەيدانى

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرمەكتە ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم كولىن پوۋېل بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي رەھبەرلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. كولىن پوۋېل، ئامېرىكىنىڭ بىر جوڭگو سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ۋاشىنگتون تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ" دەپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان. بىراق تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، "باشقا دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رىياللىقنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ" دەپ تەكىتلىدى. چېن شۈيبيەن بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا كولىن پوۋېلنىڭ ۋە ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى، بىراق ئۇنىڭ سۆزى كولىن پوۋېلنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە بىلدۈرگەن ئىنكاسى دەپ قارالماقتا.(ئەركىن)