كولىن پوۋېلل : ئامېرىكا تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ
2004.10.31
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىر جوڭگو سىياسىتى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كولىن پوۋېلل يۇقىرىقى سۆزنى يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى شتاب باشلىقى لياڭ گۇئاڭليې بىلەن كۆرۆشكەندە قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر ئامېركا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىدى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى بىر خىتاي سىياسىتىنى، خىتاي - ئامېرىكا 3 قوشما ئاخباراتى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لياڭ گۇئاڭليې، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشمە شتابىنىڭ رەئىسى رىچارد مەيېرسسنىڭ تەكلىپى بويىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى. لياڭ گۇئاڭليې ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى 24 - ئۆكتەبىردە ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇلار ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ نورفولك دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن. كولىن پوۋېللنىڭ سۆزى تەيۋەن دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن. كولىن پوۋېللنىڭ " ئامېرىكا تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ"دىگەن سۆزلىرى، تەيۋەن تەرەپنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولۇشى مۈمكىن دەپ قارالماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، پوۋېلنىڭ ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقوق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلەندى
- كولىن پوۋېل خىتاينى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن كېلەر يىلى ئامېرىكىدىن ئالدىن چارلاش ئايرۇپىلانى سېتىۋالماقچى
- كولىن پوۋېل، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۈيبىيەننىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- تەيۋەن پىرېزدېنتى چىن شۈيبىيەن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى
- تەيۋەن، ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ
- تەيۋەن پرېزىدېنتى موڭغولىيىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇستەقىللىقنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيىلىدى
- چېن شۈيبىيەن خۇ جىڭتاۋنىڭ ھەربىي تەھدىتنى پەسەيتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى