خۇ جىنتاۋ: خىيانەتچىلىك كومپارتىيىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ

خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان كومپارتىيە 17 ‏- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىيانەتچىلىك كومپارتىيىنىڭ ھايات -ماماتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايدىكى دوكلاتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، خىيانەتچىلىك، ھەربىي ئىشلار، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتتا ئۆزىنىڭ "ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرىيىسى"نى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شاۋپىڭ ۋە جياڭ زېمىنلار قاتارىدا ئۆز نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدە 4 ‏- ئەۋلات رەھبەرلىك نوپۇزىنى تىكلەش نىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارىماقتا. ئۇ،خىيانەتچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، " خىيانەتچىلىكنى قەتئىي جازالاش ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كىشىلەر مايىللىقى ھەم پارتىيىنىڭ ھايات - ماماتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ، ھەربىي ئىشلار ئۈستىدە توختالغاندا بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن،خىتاينىڭ مەڭگۈ مۇشتۇمزور ۋە كېڭەيمىچى دۆلەت بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر ھادىسە، پىنسىيىدىكى جيا زېمىننىڭ خۇ جىنتاۋدىن كېيىن 2 ‏- بولۇپ سەھنىگە چىققانلىقىدۇر. ئەسلى قائىدىدە خۇ جىنتاۋدىن كېيىن قالسا سىياسىي بيۇرودا 2 ‏- ئورۇندىكى ۋۇ باڭگو 2 ‏- بولۇپ سەھنىگە چىقىشى كېرەك ئىدى. خۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە بىر جۇڭگو سىياسىتىنى تەكىتلىدى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " تەيۋەندىكى ھەر قانداق سىياسىي پارتىيە پەقەت بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلسىلا......... بىز ئۇلار بىلەن ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىشكە تەييار " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)