خىتاي دالاي لامانى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ ئەيىبلىدى

خىتاي تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانى ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قاراشلار خىتايدا ئېنگلىزچە چىقىدىغان "خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دالاي لامانى ھىندىستان ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ "ھىندىستان-تىبەت ئالاھىدە چېگرا ئەترىتى" نى قۇرغان دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە يەنە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، دالاي لاما خىتايدىن قېچىپ چىققاندا سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەردىن تەخمىنەن 400 ىنى مەخسۇس كولورادو، ئوكىناۋا ۋە گۇئامدىكى ھەربىي بازىلىرىدا چېنىقتۇرغان دەپ يازغان. ماقالىدە خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دالاي لاما، نېپالدا قوراللىق ئارمىيە تەشكىللىگەن ۋە چەتئەللەردە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلىرىنى قۇرغان دەپ ئەيىبلەنگەن.

دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ياخشى نىيىتىگە بۇنداق شەك كەلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما ۋەكىلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2002‏- يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرلەش ھاسىل بولمىدى. (پەرىدە)