دالاي لاماغا كانادا پەخرى پۇقرالىقى سالاھىيىتى بېرىش قارارى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى 27 ‏- ئىيۇل كۈنى، كانادا دائىرىلىرىنىڭ تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لاماغا، كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سودا مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رويېترس ئاگېنتلىقى، 1959 ‏- يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر سۈرگۈندە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى، تىبەتنى جۇڭگودىن ئايرىش ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا خىتاينىڭ، كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاڭ ۋېيدۇڭ، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۈر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ ۋېيدۇڭ مۇخبىرلارغا يەنە": دالاي لاما بىر بۆلگۈنچى، شۇڭا ئۇ بۇنداق بىر نام ‏- شەرەپكە لايىق ئەمەس، بۇ كانادا دۆلىتىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىز بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى.

رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە كانادادا 1 مىليونغا يېقىن خىتاي پۇقرالىرى ياشايدىكەن. ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان بولۇپ، كانادادىكى Bombardier Inc شىركىتى خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەمدە تىجارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا شىركەتلىرىدىن بىرى ھېسساپلىنىدۇ. مەزكۈر شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يولۇچىلار پويىزى، مەخسۇس چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى ئۈچۈن ياسالغان ئىكەن.

كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ئىزچىل تۈردە دالاي لاماغا پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىشنى تەشەببۈس قىلىپ كەلمەكتە. كانادا ئافرىقىنىڭ سابىق پرىزىدېنتى ماندىلاغا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان يەھۇدى ۋالىنبۇرگقا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)