خىتاي : مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى بىر خاتالىق
2007.11.29
خىتاي دائىرىلىرى: "گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقى بىر خاتالىق" دەپ بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، مېركېلنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى": دوست - يارەنلەر بەزى ۋاقىتلاردا خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ، ئەمما خاتالىقىنى تونۇپ، ئىككىنچى قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىسە، ئۇلار يەنىلا دوست ھېسابلىنىدۇ" دېدى. ۋېن جياباۋ بۇ سۆزنى بېيجىڭدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئاخباراتچىلارغا ئېيتقان.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەتتا خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ بىكار قىلىنىشىغا يول ئاچقان ئىدى.
خىتاي تەرەپ يەنە، ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا، ياپونىيە ھەمدە كانادا قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىدىنمۇ ئوخشاشلا قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي دالاي لامانى" تىبەتكە مۈستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ " دەپ ئىزچىل تۈردە ئەيىبلەپ كەلدى، بىراق دالاي لاما ئۆزىنىڭ ھەقىقي ئاپتونومىيىنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتتە كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن كىشىلەر كۆپەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى
- دالاي لاما ياپونىيىگە قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- خىتاي، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
- گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ "لاۋگەي" تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- خاڭجۇدا چاقىرىلغان دۇنيا بۇددا مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا دالاي لاما قاتناشتۇرۇلمىدى
- دالاي لاما خۇ جىنتاۋ بىلەن بىرلا چاغدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ