پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە باشلانغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا بۇددا مۇنبىرى يىغىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئىشتىراكىسىز باشلاندى. لېكىن يىغىنغا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇلغان 11 - بەنچەن لامانىڭ ئىشتىراك قىلىشى كىشىلەر تەرىپىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولدى. بۇ ئاتېئىزمغا ئىشىنىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1949 -يىلى جۇڭگودا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان چاقىرغان تۇنجى خەلقئارا دىنىي يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يىغىندا بەن چەن لاما تىبەت بۇددىستلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ۋە " دۆلەتنى ھىمايە قىلىش "قا چاقىردى. بۇ يىل 16 ياشتىكى گيالتسېن نوربۇ، تىبەت بۇددىزىمنىڭ 2- نومۇرلۇق ئەرباپى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاماغا قارشى قوللىنىدىغان ئاچقۇچلۇق كوزۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1995 - يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇنى 10 - بەنچەن لامانىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ " قايتا تۇغۇلۇشى"، دەپ ئېلان قىلغان ۋە دالاي لاما تەرىپىدىن سايلانغان گېدۇن چوكىي نيىمانى " قانۇنسىز، ۋە ئىناۋەتسىز " دەپ جاكارلىغان ئىدى. دالاي لاما تەرىپىدىن سايلانغان بەنچەن لاما شۇنىڭدىن كېيىن غايىپ بولدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئىز - دېرىكىنى بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.
گيالتسېن نوربۇ يىغىندا " دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇددىزىمنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەيدىغان ئالىي مەجبۇرىيىتى " دەيدۇ. ئۇ 10 - بەنچەن لامانى مەدھىيىلەپ، " دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تۆھپە قوشقان " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن 10 - بەنچەن لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن يىللارچە تۈرمىدە ياتقان.