دالاي لاما ياپونىيىگە قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
2007.11.15
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. دالاي لاما ياپونىيىدە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلىگەندىن سىرت، ياپونىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي سەيلىگاھىدا زىيارەتتە بولۇش شۇنىڭدەك توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماسلىقىنى شەرت قىلغان. دالاي لامانىڭ يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە، كانادا ۋە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتايدىن ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىر دۆلەتتە تەڭلا ۋاقىتتا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىم بىر قانچە ئاي ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۇچراشقان ئىدى.
خىتاي 1950 - يىلىدىن بۇيان تىبەتنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىش بىلەن بىرگە، دالاي لامانى تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان " بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە .
بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە يول قويغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دالاي لامانىڭ ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇردى
- دالاي لاما كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بىلەن كۆرۈشكەن
- خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى دالاي لاماغا ئارتتى
- پرېزىدېنت بۇش دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلدى
- ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى گۇسېنبېير دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋالماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى