خىيانەتچىلىك سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى چىن شىتۇڭ 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 8 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، داۋالىنىش ئۈچۈن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى.
" جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىن شىتۇڭ تۈرمىدىن بېيجىڭدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېلان قىلىنمىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەسكەر چىقىرىپ تيەنئەنمىن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغاندا، چىن شىتۇڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ1995 - يىلى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى كۈرەشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1998 - يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەزىنىسىدىن 2 مىليارد دوللارنىڭ خىيانەت قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدا كىشىلەر چىن شىتۇڭ كومپارتىيە رەھبىرى جاڭ زېمىنغا قايىل بولمىغانلىقتىن ئاغدۇرۇلدى، دەپ قارىغان.
" جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى"نىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر چىن شىتۇڭنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان. چۈنكى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چىن شىتۇڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىشنى رەت قىلىپ، شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)