خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2007 - يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاق تاشلىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە داۋالىنىش راسخوتى 19 ھەسسە ئۆرلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1990 - يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1510.2 يۇەندىن 5.86 ھەسسە ئېشىپ، 9421.6 يۈەنگە يەتكەن. دېھقانلارنىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 686.3 يۇەندىن 4.89 ھەسسە ئېلىپ 4039.6 يۈەنگە يەتكەن. ئەمما داۋالاش چىقىمى، شەھەرلەردە 19.57 ھەسسە، يېزىلاردا 5.86 ھەسسە يۇقىرى ئۆرلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا داۋالاش راسخوتىنىڭ ئاشقانلىقى داۋالاش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە خەلقنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، دەيدۇ خىتاي پۇقرالىرى، قۇش زۇكىمى قاتارلىق يامان كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپى ھېلىمۇ مەۋجۇت.
داۋالاش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزى يەنىلا ئۆي -زېمىن ئىسلاھاتى، مائارىپ ئىسلاھاتى دېگەن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان كىشىلەر. ئۇلار خەلق ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. (ۋەلى)