فۇجىيەن دېھقانلىرى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى


2004.08.26

فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭشەن بازىرىدىكى دېھقانلار يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلدى.

ئامېرىكىدىكى"خىتاي كىشىلىك ھوقوق" تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى فۇجىيەننىڭ فۇجۇۋ شەھىرىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ساقچى ، يېڭىلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى باشلاپ ساڭشەن بازىرى ۋەنلى كەنتىگە كېلىپ، ئۇ يەردە تىنچ ئولتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزىۋاتقان دېھقانلارنى قاتتىق ئۇرغان. ۋەقەدە ئاز دىگەندە 15 دېھقان يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۆتىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغان.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرىشىچە،ساڭشەن بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلار ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ قۇرغان زاۋۇتنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. دېھقانلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ كېچە - كۈندۈز زاۋۇتىنى قوغدىغان. ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ دەۋانى ئاخىرىدا زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن باستۇرغان. گەرچە دېھقانلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، مەزكۈر دىلونى ئېنىقلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئىشقا ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خىتايدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چىرىكلىكى، يەرلەرنى قالايمىقان تارتىۋېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نارازى بولغان خەلق ئاممىسى كۆپلەپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. ئۆتكەن يىلىلا خىتايدا ئۈچ مىليوندەك كىشى 58 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك نامايىش ئېلىپ بارغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.