خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ، 2600 يىلىدىن بېرى داۋاملىشپ كېلىۋاتقان دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە گېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېھقانچىلىق بېجىنى بىكار قىلىش قارارى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئىلىنغان بولۇپ، بۇ قارار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇن خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ باج ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈنسىرى كۆپىۋاتقان سېلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئالغان قارارىنى دۆلەتنىڭ رەسىمى سىياسىتىگە ئايلاندۇرىدىكەن.

خىتاي رەھبەرلىرى 2004 ‏-يىلىدا كېلەركى بەش يىل ئىچىدە دېھقانلار ئۈستىدىكى بىر نەچچىلىگەن سىلىقلارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنىجاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا 800 مىليون كىشى ھېلىمۇ يېزىلاردا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى خىتايدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن. بۇ خىل ئەھۋال خىتايدىكى دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشىلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارايىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. (ئەقىدە)