خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تولۇق دېموكراتىيە تەلىپى رەت بولدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شەنبە كۈنى يەنى 29 ‏- دېكابىر كۈنى، خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقتىنى مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئومۇمى سايلامنى 2012 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت بولدى.

خوڭكوڭ قانۇنى بۇيىچە خوڭكوڭ رايون باشلىقى 5 يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ؛ 3 ‏- قېتىملىقى 2012 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە خوڭكوڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام ئۇسۇلىدا، رايون باشلىقىنى خوڭكوڭ خەلقى بىۋاستە سايلاپ چىقمايدۇ، بەلكى سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.

سايلام كومىتېتىدا 800 نەپەر ئەزا بولۇپ، بۇلار، خوڭكوڭدىكى تۈرلۈك ساھەلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ۋەكىل، بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ تەرەپدارى. خىتاي خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، خوڭكوڭ رايون باشلىقىنى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆزى سايلاپ چىقىدىغانلىقى يەنى ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ئەمما ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقتىنى تىلغا ئالمىغان.

ھازىر خوڭكوڭ خەلقى خىتاينى ئەشۇ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستىماقتا ئىدى. ئالدىنقى ئايدا، خوڭكوڭ رايون باشلىقى، بېيجىڭغا دوكلات يوللاپ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ تەلىپىنى يەتكۈزگەن، خوڭكوڭدىكى دېموكراتچىلار، ئالدىنقى ھەپتە ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئومۇمى سايلىمىنى 2012 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈش تەلىپىنىڭ قەتئىيلىكىنى بېيجىڭنىڭ ئېسىگە سالغان ئىدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شەنبە كۈنكى يىغىنىدا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مەزكۇر تەلىپىنى رەت قىلىپ؛ ئومۇمى سايلامنىڭ 2017 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، 2012 ‏- يىلى پەقەت، نۆۋەتتىكى سايلام ئۇسۇلىغا بەلگىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شۆھرەت ھوشۇر)