رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پېشقەدەم دېموكرات رېن ۋەندىڭنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بەزىلەر "بۇ دېموكراتىيىنىڭ خىتايدا ئاستا- ئاستا باش كۆتۈرۈشى " دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر " خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئارقىدا چوقۇم بىر گەپ بار، شۇنداقلا بۇنى كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى بىلەن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن رېن ۋەندىڭ رويتېرس مۇخبىرلىرىغا ئۆزىنىڭ كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئايالى جاڭ فېڭيىن بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ "مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئويلىسام، پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بەلكىم ئۇلار پات ئارىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھېچقانداق توسالغۇسىز ئېچىلىشىنى پىلانلاپ، مۇشۇ قارارغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.
پېشقەدەم دېموكرات رېن ۋەندىڭ 1979 - يىلى " خىتاي خەلقىنىڭ باياناتى " ناملىق كىتابنى يازغانلىقتىن ھەم يەنە 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي دېموكراتلار بىرلەشمىسىنى پىلانلىغانلىقتىن دەسلەپتە 4 يىل، كېيىن 7 يىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ياشاپ كەلگەن. (مېھرىبان)