خۇجىڭتاۋ غەربچە دىموكراتىيە تۈزۈمىنى رەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىڭتاۋ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ -16نۆۋەتلىك -4 ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ماختاپ، خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ غەربنىڭ دىموكراتىيە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خۇجىڭتاۋ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ خىتايدا ئاقمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان سوتسىيالىستىك دىموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ يۈكسەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇجىڭتاۋ سۆزىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن سىرت، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسى -16 نۆۋەتلىك -4 ئومۇمىي يىغىنى پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، خەۋەرلەردە 198 نەپەر ھەيئەتتىن تەشكىل تاپقان خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ 4 كۈنلۈك يىغىنىدا ئاساسلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (پەرىدە)