خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا رىفىراندۇم ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى


2004.10.25

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى دىمۇكراتىيىنى ياقلايدىغان سىياسىي ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان 2007 - يىلى خوڭكوڭدا بىۋاستە سايلام ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە رىفىراندۇم يەنى خەلقنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى 2 - نومۇرلۇق شەخس زىڭ يىنچۈئەننىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىڭ يىنچۈئەن خوڭكوڭدا رىفىراندۇم ئېلىپ بېرىشنى" ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس" ۋە "ۋاقىت ئىسراپچىلىقى" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خوڭكوڭدىكى دىمۇكراتچىلار،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 2007 - يىلى خوڭكوڭنىڭ مەمۇرىي رايۇن باشلىقىنى، 2008 - يىلى پارلامېنت ئەزالىرىنى خەلق بىۋاستە سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا بىۋاستە سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ رايىنى سىناشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 4 - ئايدا خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنىغاتۈنجى قېتىم چۈشەندۈرۈش بېرىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خوڭكوڭ مەمۇرىي رايۇن رەھبىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى بىۋاستە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ھەمدە مەمۇرىي باشلىقنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.