خوڭكوڭنىڭ دېموكراتچى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
2005.09.25
خوڭكوڭنىڭ دېموكراتچى پارلامېنت ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇلار ئىلگىرى 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياخشى كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى بارلىق 60 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى خىتايغا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان.
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى سېڭ يىنچۈئەن مۇخبىرلارغا، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ خىتاي بىلەن خوڭكوڭ پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا يالغۇز قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.
خوڭكوڭدىكى 25 نەپەر دېموكراتچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىچىدە "تيەنئەنېمن ۋەقەسى" گە ھېسداشلىق قىلىدىغان داڭلىق دېموكراتچى لياڭ گوشيۇڭمۇ بار. ئۇ خىتايغا سەپەر قىلىشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا ئامال بار ئۆز قارىشىنى تارقىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۈستىگە تيەنئەنېمن مەيدانىغا تانكا كىرگەن ۋاقتىدىكى سۈرەت چۈشۈرۈلگەن قارا مايكا كىيىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)