دېڭ شياۋپىڭنىڭ قىزى تيەن ئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە توختالغاندا ئۆركەشنى تىلغا ئالدى


2007.06.24

سابىق خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ چوڭ قىزى دېڭلىن يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەن ئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشتا دېڭ شياۋپىڭنىڭ قارار چىقارغان-چىقارمىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىشتا دادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشتى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ قىزى دېڭلىن 4-ئىيۇن ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبەرلەرنىڭ قارارى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ قايسى بىر رەھبەرنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتى بار دېيىشكە بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇ توغرا قىلىنغان، ئەگەر مۇنداق قارار بولمىغان بولسا، ئەگەر ئۆركەش قاتارلىق كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ تەقدىرى تۇتقۇزۇلغان بولسا، ئۇ چاغدا جۇڭگودا قانداقسىگە ئىشىكنى ئېچىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارالىسۇن ؟ جەمىيەت قالايمىقان ئىدى." دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ دادىسىنىڭ ئىسلاھات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، شاڭگاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ھەم بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈشتە ھېچقاچان تەۋرەنمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دېڭشاۋپىڭنىڭ قىزى تىلغا ئالغان ئۆركەش دۆلەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان شۇنىڭدەك خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە مەدھىيلەنگەن ئىدى.

دېڭشاۋپىڭنىڭ قىزى دادىسىغا باھا بېرىش مەسىلىسىدە توختىلىپ، تارىخقا بىر ئىككى ۋەقە ئارقىلىقلا باھا بەرمەسلىكنى ئېيتىپ ، دادىسىنى ئاقلىغان . نۆۋەتتە، 1989-يىلىدىكى تيەن ئەمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاقلاش خىتاي دېموكراتلىرى ئەڭ جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.