دېڭىز بورىنى سەۋەبىدىن خىتايدا 320 مىڭ كىشى كۆچۈرۈلدى

" ئايرى" دەپ نام بېرىلگەن دېڭىز بورىنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ يەتتە كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ ھازىر شىمالغا سۈرۈلۈپ خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە قاراپ ماڭغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن، بۇ رايوندىكى 320 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، " ئايرى" ناملىق دېڭىز بورىنى سەيشەنبە كۈنى سائىتىگە 130 كىلومېتىر سۈرئەتتە تەيۋەننى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، گەرچە پۈتۈن ئىدارە-ئورگانلار خىزمەت توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 5 تەيۋەنلىك ۋە 2 ياپونىيىلىك ئايالنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي مەركىزى ھاۋ رايى ئىدارىسىدىكى بىر نەپەر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بوران جېجىياڭغا يېتىپ كەلسە، بۇ يەردە قۇم شېغىللىرى ئېقىش ۋە تاغ سىيرىلىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

" ئايرى" دېڭىز بورىنى تەيۋەندىن ئۆتكەندە، دەرەخلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ۋە ماشىنىلارنىڭ سوقۇلىشىدەك نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، ئادەتتە " ئايرى" بورىنىدىن كېيىن كېلىدىغان ئالاھىدە چوڭ دېڭىز بورىنى بولماقتا. (پەرىدە)