بۇلتۇر چاڭجياڭ دەرياسىغا 30 مىليارد 500 مىليو نتوننا ئەخلەت قويۇپ بېرىلگەن

سۈيى بىۋاستە شەرقى دېڭىزغا قويۇلىدىغان، ئۇزۇنلىقى 6275 كىلومېتىرلىق چاڭجياڭ دەرياسى دۇنيا بۇيىچە ئۈچىنچى چوڭ دەريا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا بۇلتۇر چاڭجياڭ دەرياسىغا 30 مىليارد 500 مىڭ توننا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن ئاجرالغان خىمىيىۋىي ئەخلەتلەر ۋە ئاھالە يۇندىلىرى قويۇپ بېرىلگەنلىكتىن، بۇ، دەريا سۈيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى ھازىر تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك خىمىيىۋىي ئاجرالمىلارنىڭ مىقدارى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەريىلى 900 مىليون توننىلاپ ئاشماقتا. ئاسىيا بانكىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىتىلىشى جەريانىدا پەيدا بولغان مۇھىت بۇلغىنىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر مەسىلە. 'يېشىلچىلار' دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارا تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا بولغىنىش ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان جايلار دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان جايلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئەخلەتلەر بولسا سەنشا بوغۇزىغا كەلگەندە سۈزۈلۈپ توختاپ قالىدۇ. سەنشا كۆلىمۇ ھازىر بىر 'دەرىجىدىن تاشقىرى ئەخلەت كۆلى' گە ئايلىنىپ قالدى. (ۋەلى)