خىتايدا دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە


2004.11.08

يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. ئالدى بىلەن سىچۈئەننىڭ ۋەنجۇدا ئاندىن خېنەننىڭ جۇڭموۋ ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم ئۆلدى ۋە 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى. ئارقىدىنلار سىچۈئەننىڭ خەنيۈئەن ناھىيىسىدىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جەريانىدا يىتەرلىك تۆلەم بەرمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇنىڭدىن سىرت، يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرى ئەتراپىدىمۇ، يەرلىك دېھقانلار ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەققى بەرمەيلا تارتىۋالغانلىقىغا قارشى چىقىپ، ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇشقان. ۋەقەدە دېھقانلار ساقچىلارنىڭ بىر قانچە ماشىنىسىنى ئۆرۈپ ۋەيران قىلغان. نامراتلىق دېھقانلار نارازىلىقىنىڭ مەنبەسى

خىتايدا يېقىندىن بۇيان دېھقانلارنىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا لوۋا ئۇنۋەرسىتېتى جەمئىيەتشۇناس ئىلمى پروفېسسورى خۇئاڭ شۈمىن ئەپەندى مۇنداق دىدى:

" بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردا يۈز بەرگەن. خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان ئاساسلىقى دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە شەھەرلەر تەرەققى قىلدى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بولسا ئانچە ياخشىلانمىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، دېھقانچىلىق كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ھەر خىل باجلارنىڭ ئېغىرلىقى ئەلۋەتتە دېھقانلاردا نارازىلىق كەيپىياتلارنى ئۇلغايتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن سىچۈئەن خەنيۈئەن ناھىيىسىدىكى دېھقانلار نامايىشىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى بىلەن شەخسىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئارىسىدا توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، شەخسلەرنىڭ يېرىنى ئىشلەتكەندە، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۆلەمنى قانداق بىكىتىش كېرەك؟ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغاندا بۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر ھازىرغىچە خىتايدا ئايدىڭلاشمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئىشەنمەيدۇ. چىرىكلىك ئېغىر بولغاچقا، دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تۆلەم پۇلىنى تولۇق بەرمەي، ئۆز چۆنتىكىگە سېلىۋالدى دەپ گۇمان قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى تەس."

خوڭكوڭدىكى نەنخۇئا سەھەر گېزىتىنىڭ ئوبزورىغا قارىغاندا، گەرچە نامايىش ۋە قارشىلىشىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەن ئورنى ۋە كۆلىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا بىر ئورتاقلىق بار ئىكەن. يەنى باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى، ئىشسىزلىق مەسىلىسى، پارىخورلۇقنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى ۋە پۇقرالارنىڭ دەردىنى ئېيتىدىغان جاي تاپالماسلىقى بۇ ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەسىلەن، سىچۈئەن خەنيۈئەن ناھىيسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن تەستىقلىتىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت يەر يۆتكەپ ئىشلىتىش چىقىمىنى ئاز ئىلتىماس قىلغان. نەتىجىدە پۇقرالار تەگىشلىك تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن. سىچۈئەننىڭ ۋەنجۇ ناھىيىسىدە بولسا، كوچىدىكى بىر كىچىككىنە جېدەل، كەڭ كۆلەملىك خەلقنىڭ نارازىلىق پائالىيىتىگە يول ئاچقان. ۋەقەدە ئۆزىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر رەھبىرى دەپ ئاتىغان كىشى، يەنە بىر كىشىنى بوزەك قىلغىنىدا، خەلق قوزغىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنى ئاياق - ئاستى قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

نەنخۇئا سەھەر گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خېنەندىكى تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مۇرەككەپ بولۇپ، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم ئۆلگەن. نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى بۇ قېتىملىق مىللىي توقۇنۇشقا قاتناشقان. كىشىلىك ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەزكۇر مىللىي توقۇنۇشمۇ پەقەت بىر قاتناش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ۋەقەنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشىگە گەرچە تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت ئاساسلىق سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ مۇلاھىزە قىلغاندا، تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى باي- كەمبەغەللىك پەرقىمۇ توقۇنۇشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن تەلەپلەر

پروفېسسور خۇئاڭ شۈمىن ئەپەندى، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دىدى:

" خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئېكىسپورتنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دېھقانچىلىق بېجىنى يەڭگىللىتىش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋەلىش باھاسىنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قۇربى يىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدەك بىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتمۇ دېھقانچىلىقنى يۆلەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارغا بېرىدىغان ياردىمى شۇنچىلىك كۆپ. ھەر يىلى باجنى ئېتىبار بېرىدۇ، بىۋاستە ياردەم پۇلى بېرىش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدۇ. دېھقانلار ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىمەن دىسە بۇنى قىلالايدۇ ھەم شۇنداق قىلىشى كېرەك. بولمىسا، دېھقانلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسى ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. "

نەنخۇئا سەھەرگېزىتىنىڭ ئوبزورىدا تەكىتلىنىشىچىمۇ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىش ئۈچۈن چوقۇم دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىغا داۋالىنىش ۋە جەمئىيەت سۇغۇرتىسى بېرىشى، قانچە نامرات رايون بولسا، شۇنچە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىشى كېرەك ئىكەن. ئوبزوردا تەكىتلىنىشىچە، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىرى ۋە زوراۋانلىقىمۇ ھازىر دېھقانلار نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چوقۇم قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، چىرىك ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالىشى كېرەك ئىكەن.

نەنخۇئا سەھەر گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا يەكۈنلىشىچە، ئاخبارات ساھەسى چوقۇم ئەركىن قويۇۋېتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى ئاچقاندىلا، ئاندىن چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشىنى چەكلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.