خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلار ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى


2004.12.19

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى. يېڭى بەلگىلىمىلەر كىلەر يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆرۈلگەن يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن چىقىرىلغان . بەلگىلىمىدە، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي زاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قوغداشتا باسقان ئەڭ چوڭ قەدىمى دەپ تەسۋىرلىگەن.

بىراق، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭدىكى كاتولىك دىنىي تەتقىقاتچىلىرى، خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ماھىيەتلىك پەرقى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قانۇن بەلگىلىمىلەردە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە خىتاي كاتولىكلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.