خىتاينىڭ يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسى، دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ بوغىشى مۇمكىن
2004.12.20
ئانالىزچىلار خىتاينىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ قارمىقىغا تەۋە بولمىغان دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى كىلەر يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، مەزكۈر يېڭى بەلگىلىمە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقوقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، مەزكۈر يېڭى بەلگىلىمىنىڭ روھىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. يەنى، ئۇنىڭدا دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرىلىقى تەكىتلىنىپ، دىنىي ئىشلارنىڭ چوقۇم دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان جازانىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى ئىزاھلانغان. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى خىرىستىيان تەشكىلاتى بولغان خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلار ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى
- خىتاي دىنىي زاتلارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ
- ھەجگە بېرىش يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە نارازىلىقلىرى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى كوممۇنىستىك ئاڭدا تەربىيىلەپ چىقتى