خىتايدا خرىستيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرى 20 مىليونغا يەتتى

تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە خىرستيان بىلەن كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ سانى 20 مىليونغا يەتكەن.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى، خىتايدا خرىستىيان مۇرىتلىرى سانىنىڭ ئاز دېگەندە 16 مىليونغا، كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ 55 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، مىسيونېرلار سانىنىڭ 27 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خرىستيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ يەر ئاستى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئالدى. بىراق ،كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خرىستيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرىغا، مۇسۇلمان ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارىغاندا يەنىلا كەڭچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، خىرستىيان ۋە كاتولىك مىسيۇنېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىشىغا يول قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھازىر ئۇيغۇرلاردىن خىرستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار سانى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پەقەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئۆتۈشىنى، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە، ئەمما ئۇلارنىڭ خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويمايدىكەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن دېيىشمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرىي چوشقا بېقىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ بىر چارىسى قىلىپ قوللانماقتا. (ئەقىدە)