خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەنبە كۈنى دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەندى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، شەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن "دېڭ شياۋپىڭ" نامىدىكى ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، دېڭ شياۋپىڭنى خىتاي ئىقتىسادى ئىسلاھاتىنىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى دەپ ماختىغان.
دېڭ شياۋپىڭنىڭ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى، دېڭ شياۋپىڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيىسى 4 - ئەۋلاد رەھبەرلىرى دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئالاھىدە خاتىرىلىگەنلىكى، خۇ جىڭتاۋ باشچىلىقىدىكى 4 - ئەۋلات رەھبەرلەر بىلەن جياڭ زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ پەرەز قىلماقتا. جياڭ زېمىن ھازىرقى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمىگەن. خىتاي سىياسى سەھنىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ كۈچلىك ئادەم دەپ قارىلىدۇ. (ئەركىن)